سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:95
ثُمَّ بَدَّلْنَا مَكَانَ السَّيِّئَةِ الْحَسَنَةَ حَتَّىٰ عَفَوْا وَقَالُوا قَدْ مَسَّ آبَاءَنَا الضَّرَّاءُ وَالسَّرَّاءُ فَأَخَذْنَاهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ
ئاندىن (ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن) كۈلپەتنى نېمەتكە ئايلاندۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كۆپەيدى، ئۇلار: «بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ بېشىغا ھەقىقەتەن كۈلپەتلەر، نېمەتلەر كەلگەن ئىدى (بۇ - زاماننىڭ ئادىتى؛ اﷲ تەرىپىدىن كەلگەن ئوقۇبەت ئەمەس)» دېدى. ئۇلار خەۋەرسىز تۇرغاندا، ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت ھالاك قىلدۇق
تەپسىر
ئاندىن بىز ئۇلارنى گىرىپتار قىلغان كەمبەغەللىك ۋە كېسەللىكنى، ياخشىلىق، باياشاتچىلىق ۋە ئەمىنلىككە ئايلاندۇردۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سانى كۆپىيىپ كەتتى، مال-دۇنياسى كۆپىيىپ كەتتى. ئۇلار: بىزگە يەتكەن ياخشىلىق ۋە يامانلىق بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىزنىڭ ئاتا -بوۋىللىرىمىزغا يەتكەن زاماننىڭ ئادىتىدۇر، دېدى. ئۇلار ئۆزلىرىگە يەتكەن ئازابتىن ئىبرەت ئېلىش مەقسەت قىلىنغانلىقىنى، شۇنداقلا نېئمەت ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ تەدرىجى جازالاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇلارنى ئۇلارغا ئازابنى ھېس قىلدۇرماستىن ۋە ئۇلار ئازابنى كۈتۈپ تۇرمىغان ھالەتتە تۇيۇقسىز جازالىدۇق.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ