سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:96
وَلَوْ أَنَّ أَهْلَ الْقُرَىٰ آمَنُوا وَاتَّقَوْا لَفَتَحْنَا عَلَيْهِمْ بَرَكَاتٍ مِنَ السَّمَاءِ وَالْأَرْضِ وَلَٰكِنْ كَذَّبُوا فَأَخَذْنَاهُمْ بِمَا كَانُوا يَكْسِبُونَ
(پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ھالاك قىلىنغان) شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسى ئىمان ئېيتقان ۋە (كۇفرىدىن، گۇناھلاردىن) ساقلانغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنى ئاسمان - زېمىننىڭ پاراۋانلىقلىرىغا مۇيەسسەر قىلاتتۇق، لېكىن ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلدى، شۇ ئۇلارنى ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق
تەپسىر
ئەگەر بىز پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئەۋەتكەن شەھەر ئاھالىسى پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىشەنگەن بولسا، كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتنى تەرك ئېتىش ۋە پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ئارقىلىق پەرۋەردىگارىغا تەقۋادار بولغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن ياخشىلىق ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتكەن بولاتتۇق، لېكىن ئۇلار پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمىدى ۋە ئاللاھتىن قورقمىدى، بەلكى پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى ئىنكار قىلدى، شۇڭا ئۇلارنى گۇناھ-مەئسىيەتلىرى تۈپەيلى تۇيۇقسىز جازالىدۇق.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ