سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:94

وَمَا أَرْسَلْنَا فِي قَرْيَةٍ مِنْ نَبِيٍّ إِلَّا أَخَذْنَا أَهْلَهَا بِالْبَأْسَاءِ وَالضَّرَّاءِ لَعَلَّهُمْ يَضَّرَّعُونَ

بىز مەيلى قايسى شەھەرگە بولسۇن، بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساق (شەھەر ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلغان بولسا)، ئۇلارنىڭ اﷲ قا يالۋۇرۇشلىرى (تەۋبە قىلىشلىرى) ئۈچۈن، ئۇلارنى نامراتلىققا، كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق

تەپسىر

بىز قايسى بىر شەھەرگە ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن بىر پەيغەمبەرنى ئەۋەتسەك شەھەر ئەھلى ئۇنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھقا كاپىر بولسا، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ كۇپىرلىق، تەكەببۇرلىقلىرىنى تەرك ئېتىشى ئۈچۈن ئۇلارنى نامراتلىق ۋە كېسەللىككە گىرىپتار قىلدۇق. بۇ ئاللاھنىڭ ھەقنى ئىنكار قىلغان ئۈممەتلەر ھەققىدىكى قانۇنىيىتى بولۇپ، قۇرەيش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەقنى ئىنكار قىلغان كىشىلەرگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ