سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:93
فَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا قَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَالَاتِ رَبِّي وَنَصَحْتُ لَكُمْ ۖ فَكَيْفَ آسَىٰ عَلَىٰ قَوْمٍ كَافِرِينَ
شۇئەيب ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلىپ: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەدىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم، مەن قانداقمۇ كاپىر قەۋمگە قايغۇراي!» دېدى
تەپسىر
ئۇلار ھالاك بولغان چاغدا پەيغەمبىرى شۇئەيىب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارغا: ئى قەۋمىم! ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم مېنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىغان نەرسىلەرنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم ۋە نەسىھەت قىلدىم. سىلەر نەسىھېتىمنى قۇبۇل قىلمىدىڭلار، يوليورۇقىمغا بويسۇنمىدىڭلار. كۇپىرلىقىدا چىڭ تۇرۇپ ئاللاھقا كاپىر بولغان قەۋىمگە مەن قانداقمۇ قايغۇراي؟!، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ