سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:92
الَّذِينَ كَذَّبُوا شُعَيْبًا كَأَنْ لَمْ يَغْنَوْا فِيهَا ۚ الَّذِينَ كَذَّبُوا شُعَيْبًا كَانُوا هُمُ الْخَاسِرِينَ
شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار (اﷲ نىڭ ھالاك قىلىشى بىلەن) گويا بۇ يەردە تۇرمىغاندەك (يەنى ياشىمىغاندەك) بولۇپ قالدى. شۇئەيبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى
تەپسىر
شۇئەيىبنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولدى، ئۇلار خۇددى ئۆيلىرىدە تۇرۇپ ھۇزۇرلىنىپ باقمىغاندەك بولۇپ قالدى، شۇئەيىبنى ئىنكار قىلغانلار زىيان تارتقۇچىلاردىن بولدى، چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنى ۋە ئىگىدارچىلىقىدىكى نەرسىلەرنى زىيانغا ئۇچىراتتى. شۇئەيىب قەۋمى ئىچىدىكى مۆئمىنلەر كاپىرلار داۋا قىلغىنىدەك زىيان تارتقۇچىلاردىن بولمىغان ئىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ