سۈرە 7 · پارە 9
سورة الأعراف · 7:88
۞ قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لَنُخْرِجَنَّكَ يَا شُعَيْبُ وَالَّذِينَ آمَنُوا مَعَكَ مِنْ قَرْيَتِنَا أَوْ لَتَعُودُنَّ فِي مِلَّتِنَا ۚ قَالَ أَوَلَوْ كُنَّا كَارِهِينَ
شۇئەيب قەۋمىنىڭ (ئىماندىن باش تارتقان) تەكەببۇر چوڭلىرى: «ئى شۇئەيب! سېنى چوقۇم ئەگەشكۈچىلىرىڭ (يەنى ساڭا ئىمان ئېيتقانلار) بىلەن قوشۇپ شەھرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز، ياكى چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك» دېدى. شۇئەيب: «بىز (بۇنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى يامان كۆرۈدىغان تۇرساق (بىزنى يەنىلا شۇنىڭغا مەجبۇر قىلامسىلەر؟)» دېدى
تەپسىر
شۇئەيىب قەۋمىدىن ھەقىقەتتىن باش تارتقان چوڭلىرى ۋە باشلىقلىرى: ئى شۇئەيىب چوقۇم بىز سىنى ساڭا ئىشەنگەن ئەگەشكۈچىلىرىڭ بىلەن قوشۇپ شەھرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىمىز ياكى سىلەر چوقۇم بىزنىڭ دىنىمىزغا قايتىشىڭلار كېرەك، دېدى. شۇئەيىب ئويلۇنۇپ ھەيران بولۇپ: بىز دىنىڭلارنىڭ باتىللىقىنى بىلگىنىمىز ئۈچۈن ئۇنى يامان كۆرىدىغان تۇرساق بىز (يەنە ) سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا ئەگىشەمدۇق؟!، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ