سۈرە 7 · پارە 9

سورة الأعراف · 7:89

قَدِ افْتَرَيْنَا عَلَى اللَّهِ كَذِبًا إِنْ عُدْنَا فِي مِلَّتِكُمْ بَعْدَ إِذْ نَجَّانَا اللَّهُ مِنْهَا ۚ وَمَا يَكُونُ لَنَا أَنْ نَعُودَ فِيهَا إِلَّا أَنْ يَشَاءَ اللَّهُ رَبُّنَا ۚ وَسِعَ رَبُّنَا كُلَّ شَيْءٍ عِلْمًا ۚ عَلَى اللَّهِ تَوَكَّلْنَا ۚ رَبَّنَا افْتَحْ بَيْنَنَا وَبَيْنَ قَوْمِنَا بِالْحَقِّ وَأَنْتَ خَيْرُ الْفَاتِحِينَ

(شۇئەيب يەنى ئېيتتى) «اﷲ بىزنى سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا قايتساق، ئەلۋەتتە، اﷲ قا يالغان چاپلىغان بولىمىز. پەرۋەردىگارىمىز اﷲ خالىسىلا، بىز سىلەرنىڭ دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىلمى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، اﷲ قا تەۋۋەككۈل قىلدۇق (يەنى ھەممە ئىشىمىزنى اﷲ قا تاپشۇرىمىز). پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىلەن قەۋمىمىز ئارىسىدا ھەق ھۆكۈم چىقارغىن، سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن»

تەپسىر

شۇئەيىب ئېيتتى: ئاللاھ بىزنى ئۆز پەزلى بىلەن دىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن ئەگەر بىز سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرۈشىڭلار ۋە كۇپۇرلىقىڭلارغا ئىشەنسەك بىز ئەلۋەتتە ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىمىز. بارچە مەخلۇقاتلار ئاللاھنىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ. ئاللاھ خالىسىلا بىز سىلەرنىڭ باتىل دىنىڭلارغا قايتمايمىز. پەرۋەردىگارىمىز ھەر نەرسىنىڭ ئىلمىنى قورشاپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسە مەخپى ئەمەس، ئاللاھ بىزنى توغرا يول ئۈستىدە مۇستەھكەم قىلىشى ۋە دەۋزەخنىڭ يولىدىن ساقلىشى ئۈچۈن بىز ئۇنىڭغىلا تەۋەككۇل قىلدۇق. ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىلەن كاپىر قەۋمىمىز ئارىسىدا ھەق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، مەزلۇم ھەق ئىگىسىگە بۇيۇنتاۋ زالىمغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلغىن. ئى پەرۋەردىگارىمىز! سەن ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇرسەن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ