سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:87

وَإِنْ كَانَ طَائِفَةٌ مِنْكُمْ آمَنُوا بِالَّذِي أُرْسِلْتُ بِهِ وَطَائِفَةٌ لَمْ يُؤْمِنُوا فَاصْبِرُوا حَتَّىٰ يَحْكُمَ اللَّهُ بَيْنَنَا ۚ وَهُوَ خَيْرُ الْحَاكِمِينَ

ئەگەر سىلەردىن بىر گۇرۇھ ئادەم مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمگە ئىشەنگەن، يەنە بىر گۇرۇھ ئادەم ئىشەنمىگەن بولسا، اﷲ بىزنىڭ ئارىمىزدا ھۆكۈم چىقارغۇچە سەۋر قىلىپ تۇرۇڭلار. اﷲ ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىدۇر»

تەپسىر

ئەگەر سىلەردىن بىر بۆلۈك كىشىلەر مەن رەببىمدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرگە ئىمان ئېيتىپ، يەنە بىر بۆلۈكى ئىمان ئېيتمىسا، -ئەي ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغۇچىلار- ئاللاھ ئاراڭلاردا ھۆكۈم چىقارغۇچە كۈتۈڭلار. ئۇ ئەڭ ياخشى ئايرىغۇچى ۋە ئەڭ ئادىل ھۆكۈم چىقارغۇچىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ