سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:86

وَلَا تَقْعُدُوا بِكُلِّ صِرَاطٍ تُوعِدُونَ وَتَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ مَنْ آمَنَ بِهِ وَتَبْغُونَهَا عِوَجًا ۚ وَاذْكُرُوا إِذْ كُنْتُمْ قَلِيلًا فَكَثَّرَكُمْ ۖ وَانْظُرُوا كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُفْسِدِينَ

سىلەر اﷲ قا ئىمان ئېيتقانلارنى قورقۇتقان، اﷲ نىڭ يولىدىن توسقان ۋە ئۇ يولنىڭ ئەگرىلىكىنى تىلىگەن ھالدا يوللاردا ئولتۇرماڭلار، ئەسلىدە سىلەر ئاز ئىدىڭلار، اﷲ نىڭ سىلەرنىڭ سانىڭلارنى كۆپەيتكەنلىكىنى ياد ئېتىڭلار، بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قاراڭلار

تەپسىر

باشقىلارنى ئاللاھنىڭ يولىدا مېڭىپ قالمىسۇن دەپ ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى كۆزلەپ يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى بۇلاش ۋە توغرا يولدا ماڭماقچى بولغانلارنى ئاللاھنىڭ دىنىدىن توسۇش مەقسىتىدە يولۇچىلارغا تەھدىت سالماڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلەڭلاركى، ئۇنىڭ مۇشۇ نېئمەتلەرنى بەرگەنلىكىنىڭ شۈكرانىسى بولسۇن. ئەسلىدە سانىڭلار ئاز ئىدى، ئاللاھ سانىڭلارنى كۆپەيتتى. سىلەردىن ئىلگىرى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغانلارنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالغانلىقىنى ئويلىنىپ بېقىڭلار. شۈبھىسىزكى ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق بولغان ئىدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ