سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:85
وَإِلَىٰ مَدْيَنَ أَخَاهُمْ شُعَيْبًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ قَدْ جَاءَتْكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ فَأَوْفُوا الْكَيْلَ وَالْمِيزَانَ وَلَا تَبْخَسُوا النَّاسَ أَشْيَاءَهُمْ وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا ۚ ذَٰلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ
مەديەن (خەلقىگە) ئۇلارنىڭ قېرىندىشى شۇئەيبنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۇ (ئۆز قەۋمىگە) ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلاردىن ھەقىقەتەن (مېنىڭ راستلىقىمنى ئىسپاتلايدىغان) مۆجىزە كەلدى، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرىلاڭلار، كىشىلەرنىڭ نەرسىلىرىنى كەم بەرمەڭلار. (اﷲ پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) زېمىننى تۈزىگەندىن كېيىن، زېمىندا (گۇناھلار قىلىپ) بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار، ئەگەر مۆمىن بولساڭلار، ئەنە شۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر
تەپسىر
شۈبھىسىزكى، بىز مەديەن ئاھالىسىگە قېرىندىشى شۇئەيبنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، شۇئەيب ئۇلارغا: ئەي قەۋمىم! بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەت قىلشقا لايىق مەبۇدۇڭلار يوق. سىلەرگە مەن پەرۋەردىگارىمنىڭ دەرگاھىدىن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىغا ئاللاھ تەرەپتىن روشەن دەلىل-پاكىتلار كەلدى. ئۆلچەم ۋە تارازىلارنى توغرا قىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ھەقلىرىنى جايىدا بېرىڭلار، باشقىلارنىڭ ماللىرىنى ئەيىبلەپ، باشقىلارنى ئۇنىڭدىن بەزدۈرۈش ئارقىلىق كەم سۇندۇرماڭلار ياكى مال ئىگىلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرمەڭلار، يەر يۈزىنى پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق ئىسلاھ قىلىپ بولغاندىن كېيىن كۇپۇرلۇق ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەرگە ئۇرۇنۇش ئارقىلىق بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار. ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار، يۇقىرىقى ئىشلار ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ۋە پايدىلىقتۇر. چۈنكى بۇنىڭدا ئاللاھنىڭ چەكلىمىسىدىن ساقلىنىش يۈزىسىدىن گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تاشلاش ھەمدە ئاللاھنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلىش ئارقىلىق ئاللاھقا يېقىنلىشىش بار.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ