سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:81

إِنَّكُمْ لَتَأْتُونَ الرِّجَالَ شَهْوَةً مِنْ دُونِ النِّسَاءِ ۚ بَلْ أَنْتُمْ قَوْمٌ مُسْرِفُونَ

سىلەر ھەقىقەتەن ئاياللارنى تاشلاپ قويۇپ، ئەرلەر بىلەن جىنسىي تەلىپىڭلارنى قاندۇرىسىلەر، سىلەر ھەقىقەتەن ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمسىلەر»

تەپسىر

سىلەر شەھۋىتىڭلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يارىتىلغان ئاياللارنى قويۇپ ئەرلەر بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولىسىلەر. بۇ قىلمىشىڭلاردا نە ئەقىلگە، نە نەقىلگە، نە پىترەتكە ئۇيغۇن ئىش قىلمىدىڭلار، ئەكسىچە نورمال ئىنسانىي چەكتىن چىقىپ كېتىش، ساغلام ئەقىل ۋە ئېسىل خاراكتېرنىڭ تەقەززاسىدىن چەتنەش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئېشىپ كەتتىڭلار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ