سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:80
وَلُوطًا إِذْ قَالَ لِقَوْمِهِ أَتَأْتُونَ الْفَاحِشَةَ مَا سَبَقَكُمْ بِهَا مِنْ أَحَدٍ مِنَ الْعَالَمِينَ
لۇتنى (ئەھلى سەدومغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ ئۆز قەۋمىگە (ئۇلارنى ئەيىبلەش يۈزىسىدىن) مۇنداق دېگەن ئىدى: «سىلەر شۇنداق قەبىھ ئىشنى قىلامسىلەر؟ مۇنداق قەبىھ ئىشنى سىلەردىن ئىلگىرى جاھان ئەھلىدىن ھېچقانداق ئادەم قىلمىغان ئىدى
تەپسىر
لۇتنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا قەۋمىنى ئەيىبلەپ: سىلەر ئەرلەر بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلىشتىن ئىبارەت ئىنتايىن قەبىھ قىلمىشنى قىلامسىلەر؟ سىلەر پەيدا قىلغان بۇ قىلمىشنى سىلەردىن ئىلگىرى ھېچكىم قىلىپ باقمىغان، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ