سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:79

فَتَوَلَّىٰ عَنْهُمْ وَقَالَ يَا قَوْمِ لَقَدْ أَبْلَغْتُكُمْ رِسَالَةَ رَبِّي وَنَصَحْتُ لَكُمْ وَلَٰكِنْ لَا تُحِبُّونَ النَّاصِحِينَ

ئۇ (ئۇلار ھالاك بولغاندىن كېيىن) ئۇلارغا ئارقىسىنى قىلدى ۋە: «ئى قەۋمىم! سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمنىڭ ئەلچىلىكىنى يەتكۈزدۈم، سىلەرگە نەسىھەت قىلدىم، لېكىن سىلەر نەسىھەت قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمىدىڭلار» دېدى

تەپسىر

سالىھ قەۋمىنىڭ ئۆز چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەندىن كېيىن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ ئۇلارغا: ئەي قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئاللاھ يەتكۈزۈشكە بۇيرۇغاننى يەتكۈزدۈم، مەن سىلەرنى (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە) قىزىقتۇرۇپ، (ئازابىدىن) قورقۇتۇپ نەسىھەت قىلدىم. لېكىن سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشىلىققا باشلاپ، يامانلىقتىن يىراقلاشتۇرۇشنىڭ كويىدا يۈرىدىغان كۈيۈمچان كىشىلەرنى ياقتۇرمايدىغان كىشىلەر سىلەر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ