سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:82

وَمَا كَانَ جَوَابَ قَوْمِهِ إِلَّا أَنْ قَالُوا أَخْرِجُوهُمْ مِنْ قَرْيَتِكُمْ ۖ إِنَّهُمْ أُنَاسٌ يَتَطَهَّرُونَ

لۇتنىڭ قەۋمىنىڭ بىردىنبىر جاۋابى: «لۇتنى ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن قوشۇپ شەھرىڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار پاك كىشىلەردۇر» دېيىشتىن ئىبارەت بولدى

تەپسىر

لۇت توسقان مۇشۇ قەبىھ قىلمىشنى قىلغان قەۋمىنىڭ جاۋابى پەقەت ھەقتىن يۈز ئۆرۈگەن ھالدا: لۇتنى ۋە ئائىلىسىنى يۇرتۇڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار، چۈنكى ئۇلار بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزدىن ئۆزىنى پاك چاغلايدىغان كىشىلەردۇر. شۇڭا ئۇلار ئارىمىزدا تۇرۇشقا لايىق ئەمەس، دېيىشتىن ئىبارەت بولدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ