سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:74
وَاذْكُرُوا إِذْ جَعَلَكُمْ خُلَفَاءَ مِنْ بَعْدِ عَادٍ وَبَوَّأَكُمْ فِي الْأَرْضِ تَتَّخِذُونَ مِنْ سُهُولِهَا قُصُورًا وَتَنْحِتُونَ الْجِبَالَ بُيُوتًا ۖ فَاذْكُرُوا آلَاءَ اللَّهِ وَلَا تَعْثَوْا فِي الْأَرْضِ مُفْسِدِينَ
ياد ئېتىڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا اﷲ سىلەرنى ئاد قەۋمىدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلدى، سىلەرنى (ھىجر) زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇردى، ئۇنىڭ تۈزلەڭلىرىگە ئىمارەتلەر سالدىڭلار، تاغلارنى تېشىپ ئۆيلەر ياسىدىڭلار. اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار، زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلماڭلار» دېدى
تەپسىر
ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان نېئمىتىنى ئەسلەڭلاركى، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئاد قەۋمىگە ئورۇنباسار بولدۇڭلار، ئاللاھ سىلەرنى ئۆز زېمىنىڭلارغا يەرلەشتۈردى، ئۇ يەردە ھۇزۇرغا ئېرىشىپ، مەقسىتىڭلارغا يەتتىڭلار. بۇ ئىشلار ئاد قەۋمى كۇپرى ۋە ئىنكارچىلىقتا بارغانسېرى ئەزۋەيلىگەنلىكى تۈپەيلى ھالاك قىلىنغاندىن كېيىن يۈز بەردى. سىلەر تۈزلەڭلىكلەرگە سارايلارنى سالدىڭلار، ئۆي قىلىش ئۈچۈن تاغلارنى كۇكۇم-تالقان قىلدىڭلار. ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلەڭلاركى، ئاللاھنىڭ شۇ نېئمەتلەرنى بەرگەنلىكىنىڭ شۈكرانىسى بولسۇن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىشنى تاشلاڭلاركى، بۇ ئىش ئاللاھقا كاپىر بولۇش ۋە گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى تاشلاش بىلەن بولىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ