سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:73
وَإِلَىٰ ثَمُودَ أَخَاهُمْ صَالِحًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۖ قَدْ جَاءَتْكُمْ بَيِّنَةٌ مِنْ رَبِّكُمْ ۖ هَٰذِهِ نَاقَةُ اللَّهِ لَكُمْ آيَةً ۖ فَذَرُوهَا تَأْكُلْ فِي أَرْضِ اللَّهِ ۖ وَلَا تَمَسُّوهَا بِسُوءٍ فَيَأْخُذَكُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ
سەمۇدقا ئۇلارنىڭ قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق). ئۇ: «ئى قەۋمىم! اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. سىلەرگە ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنى ئىسپاتلايدىغان) روشەن مۆجىزە كەلدى، مانا بۇ - اﷲ (بىۋاسىتە) ياراتقان چېشى تۆگىمۇ سىلەرگە مېنىڭ مۆجىزەمدۇر، ئۇنى اﷲ نىڭ زېمىنىغا قويۇۋېتىڭلار، ئىختىيارىي ئوتلىسۇن، ئۇنىڭغا زىيان - زەخمەت يەتكۈزمەڭلار، بولمىسا، سىلەرنى قاتتىق ئازاب ھالاك قىلىدۇ
تەپسىر
شۈبھىسىزكى بىز سەمۇد قەۋمىگە قېرىندىشى سالىھنى ئاللاھنى بىر دەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭغا قۇلچىلىق قىلىشقا دەۋەت قىلىدىغان پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. سالىھ ئۇلارغا ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا ئىبادەت قىلىشقا لايىق مەبۇدۇڭلار يوق، ھەقىقەتەن سىلەرگە مەن ئېلىپ كەلگەن نەرسىنىڭ راستلىقىنى ئۇقتۇرىدىغان روشەن مۆجىزە كەلدى. ئۇ مۆجىزە قورام تاشنىڭ ئىچىدىن چىققان تۆگىدە ئەكىس ئېتىدۇ. ئۇ تۆگىنىڭ سۇ ئىچىدىغان مەلۇم ۋاقتى بار، سىلەرنىڭمۇ سۇ ئىچىدىغان مۇئەييەن كۈنۈڭلار بار. سىلەر تۆگىنى ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ئوتلىغىلى قويۇڭلار. تۆگىنىڭ چىقىمىدىن سىلەرگە ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرمەڭلار. بولمىسا ئۇنىڭغا ئەزىيەت بەرگىنىڭلار ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىسىلەر.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ