سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:72

فَأَنْجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ بِرَحْمَةٍ مِنَّا وَقَطَعْنَا دَابِرَ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۖ وَمَا كَانُوا مُؤْمِنِينَ

بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغۇچىلارنى (يەنى مۆمىنلەرنى) رەھمىتىمىز بىلەن قۇتقۇزدۇق، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدۇق، ئۇلار ئىمان ئېيتمىغان ئىدى

تەپسىر

بىز ھۇدنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۇئمىنلەرنى رەھمىتىمىز بىلەن خاتىرجەملىككە ئېرىشتۈردۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى تۈپ يىلتىزىدىن ھالاك قىلدۇق. ئۇلار مۇئمىن ئەمەس، ئەكسىچە ئىنكار قىلغۇچىلار ئىدى. شۇڭا ئازابقا لايىق بولدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ