سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:71
قَالَ قَدْ وَقَعَ عَلَيْكُمْ مِنْ رَبِّكُمْ رِجْسٌ وَغَضَبٌ ۖ أَتُجَادِلُونَنِي فِي أَسْمَاءٍ سَمَّيْتُمُوهَا أَنْتُمْ وَآبَاؤُكُمْ مَا نَزَّلَ اللَّهُ بِهَا مِنْ سُلْطَانٍ ۚ فَانْتَظِرُوا إِنِّي مَعَكُمْ مِنَ الْمُنْتَظِرِينَ
ھۇد: ‹‹سىلەرگە چوقۇم پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئازابى ۋە غەزىپى نازىل بولىدۇ، سىلەر ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا - بوۋاڭلار ئات قويۇۋالغان، بۇ ھەقتە (ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا) اﷲ ھېچقانداق دەلىل نازىل قىلمىغان (بۇتلىرىڭلارنىڭ) ئىسىملىرى ئۈستىدە مەن بىلەن مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ (اﷲ نىڭ ئازابىنى) كۈتۈڭلار، مەنمۇ ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىرلىكتە (سىلەرگە نازىل بولىدىغان ئازابنى) كۈتىمەن›› دېدى
تەپسىر
ھۇد قەۋمىگە جاۋابەن ئېيتتى: سىلەر ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە غەزىپىگە لايىق بولدۇڭلار. ئاللاھنىڭ ئازابى ۋە غەزىپى سىلەرگە چوقۇم كېلىدۇ. سىلەر ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئىلاھ دەۋالغان، ئەمەلىيەتتە ئىلاھ ئەمەس بۇتلار ھەققىدە مەن بىلەن دەتالاش قىلىۋاتامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنىڭ ئاتالمىش ئىلاھلىرىڭلارغا بىرەر پاكىت چۈشۈرگىنى يوق. شۇڭا سىلەر تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلغان ئازابنى كۈتۈڭلار، مەنمۇ سىلەر بىلەن بىرگە كۈتىمەن. ئۇ ئازاب چوقۇم كېلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ