سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:70
قَالُوا أَجِئْتَنَا لِنَعْبُدَ اللَّهَ وَحْدَهُ وَنَذَرَ مَا كَانَ يَعْبُدُ آبَاؤُنَا ۖ فَأْتِنَا بِمَا تَعِدُنَا إِنْ كُنْتَ مِنَ الصَّادِقِينَ
ئۇلار: ‹‹ (ئى ھۇد) ئاتا - بوۋىللىرىمىز ئىبادەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەبۇدلارنى تاشلاپ، يالغۇز بىر اﷲ قا ئىبادەت قىلىشىمىزغا دەۋەت قىلغىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر راست سۆزلىگۈچىلەردىن بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرگىن›› دېدى
تەپسىر
ھۇدنىڭ قەۋمى ئۇنىڭغا: ئەي ھۇد! بىزنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز چوقۇنۇپ كەلگەن ئىلاھلىرىمىزنى تاشلاپ، يالغۇز ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشىمىزغا چاقىرغىلى كەلدىڭمۇ؟ ئەگەر سەن دەۋايىڭدا راستچىل بولساڭ، بىزگە ۋەدە قىلغان ئازابنى كەلتۈرۈپ باققىن، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ