سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:69
أَوَعَجِبْتُمْ أَنْ جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنْكُمْ لِيُنْذِرَكُمْ ۚ وَاذْكُرُوا إِذْ جَعَلَكُمْ خُلَفَاءَ مِنْ بَعْدِ قَوْمِ نُوحٍ وَزَادَكُمْ فِي الْخَلْقِ بَسْطَةً ۖ فَاذْكُرُوا آلَاءَ اللَّهِ لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ
پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسى سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئىچىڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق كەلگەنلىكىدىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟ ›› ئۆز ۋاقتىدا نۇھنىڭ قەۋمى ھالاك بولغاندىن كېيىن، اﷲ نىڭ سىلەرنى ئۇلارنىڭ ئورۇنباسارلىرى قىلغانلىقىنى ۋۇجۇدۇڭلارنى، قامەتلىك، بەستلىك قىلغانلىقىنى ياد ئېتىڭلار، سىلەر بەختكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ نىڭ نېمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار
تەپسىر
سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن پەرىشتە ياكى جىنلاردىن ئەمەس، بەلكى ئۆز ئىچىڭلاردىن بىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپتىن نەسىھەت كەلگەنلىكىگە ھەيران قالدىڭلارما؟ ئاللاھنىڭ سىلەرگە زېمىندا قۇدرەت ئاتا قىلىپ، كۇپرىلىقى تۈپەيلى ھالاك قىلغان نۇھنىڭ قەۋمىگە ئورۇنباسار قىلغانلىقىغا قارىتا پەرۋەردىگارىڭلارغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار، شۈكرى قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرنى بەستىلىك، كۈچ-قۇۋۋەتلىك قىلغانلىقىغا شۈكرى قىلىڭلار، مەقسىتىڭلارغا يېتىپ، ئەنسىرىگىنىڭلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان چەكسىز نېئمەتلىرىنى ياد ئېتىڭلار.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ