سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:75
قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ اسْتَكْبَرُوا مِنْ قَوْمِهِ لِلَّذِينَ اسْتُضْعِفُوا لِمَنْ آمَنَ مِنْهُمْ أَتَعْلَمُونَ أَنَّ صَالِحًا مُرْسَلٌ مِنْ رَبِّهِ ۚ قَالُوا إِنَّا بِمَا أُرْسِلَ بِهِ مُؤْمِنُونَ
ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ تەكەببۇر چوڭلىرى بوزەك قىلىنغانلارغا يەنى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۆمىنلەرگە: «سىلەر سالىھنى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەر دەپ بىلەمسىلەر؟» دېدى. ئۇلار: «بىز ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئەلۋەتتە ئىشىنىمىز» دېدى
تەپسىر
سالىھ قەۋمىنىڭ تەكەببۇرلىرى ئىچىدىن ئاقسۆڭەك كاتتىباشلىرى ئۆزلىرى ئانىي تېپىپ كېلىۋاتقان مۇئمىنلەرگە: ئەي مۇئمىنلەر! سىلەر سالىھنى زادى ئاللاھ تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن راست پەيغەمبەر دەپ قارامسىلەر؟ دېدى. بوزەك قىلىنغان مۇئمىنلەر: بىز سالىھنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئىشەنگۈچىلەر، ئېتىراپ قىلغۇچىلار، بويسۇنغۇچىلار ۋە ئۇنىڭ شەرىئىتىگە ئەمەل قىلغۇچىلارمىز، دېدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ