سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:65
۞ وَإِلَىٰ عَادٍ أَخَاهُمْ هُودًا ۗ قَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ ۚ أَفَلَا تَتَّقُونَ
ئاد (قەۋمى) گە ئۇلارنىڭ قېرىندىشى ھۇدنى ئەۋەتتۇق، ھۇد: ‹‹ئى قەۋمىم! اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر. (ئۇنىڭ ئازابىدىن) قورقمامسىلەر؟ ›› دېدى
تەپسىر
بىز ئاد قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھۇدنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ھۇد ئېيتتى: ئەي قەۋمىم! بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدۇڭلار يوق. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلۇشۇڭلار ئۈچۈن ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق تەقۋادار بولمامسىلەر؟
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ