سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:66
قَالَ الْمَلَأُ الَّذِينَ كَفَرُوا مِنْ قَوْمِهِ إِنَّا لَنَرَاكَ فِي سَفَاهَةٍ وَإِنَّا لَنَظُنُّكَ مِنَ الْكَاذِبِينَ
ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئىمان ئېيتمىغان چوڭلىرى: ‹‹بىز سېنى ھەقىقەتەن ئەخمەق ھېسابلايمىز، بىز سېنى، ئەلۋەتتە، (پەيغەمبەرلىك دەۋايىڭدا) يالغانچىلاردىن دەپ گۇمان قىلىمىز›› دېدى
تەپسىر
ھۇدنىڭ قەۋمى ئىچىدىن ئاللاھنى ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنى ئىنكار قىلغان چوڭلىرى ئېيتتى: ئەي ھۇد! سەن بىزنى بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، بۇتلارغا چوقۇنۇشنى تاشلاشقا چاقىرغىنىڭدا بىز سېنى نادان ۋە تەنتەك دەپ بىلىمىز، ئۆزۈڭنى پەيغەمبەر دەۋېلىشىڭدا سېنى چوقۇم يالغانچى دەپ قارايمىز.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ