سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:64
فَكَذَّبُوهُ فَأَنْجَيْنَاهُ وَالَّذِينَ مَعَهُ فِي الْفُلْكِ وَأَغْرَقْنَا الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا ۚ إِنَّهُمْ كَانُوا قَوْمًا عَمِينَ
ئۇلار نۇھنى ئىنكار قىلدى، نۇھنى ئۇنىڭ بىلەن كېمىدە بىللە بولغانلارنى قۇتقۇزدۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى پۈتۈنلەي (سۇغا) غەرق قىلدۇق. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ھەقنى كۆرۈشتىن دىللىرى) كور قەۋم ئىدى
تەپسىر
ئاندىن قەۋمى نۇھنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىشەنمىدى، ئەكسىچە كۇپۇرلۇقىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن نۇھ ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋېتىشىنى (تىلەپ) ئۇلارغا بەددۇئا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز نۇھنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن كىمىگە چىققان مۇئمىنلەرنى غەرق بوپكېتىشتىن قۇتۇلدۇردۇق، ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئىنكار قىلىشنى داۋاملاشتۇرغانلارنى جازالاش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن توپان بالاسىغا غەرق قىلدۇق. ئۇلارنىڭ قەلبلىرى ھەقىقەتەن ھەقتىن كور ئىدى.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ