سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:63

أَوَعَجِبْتُمْ أَنْ جَاءَكُمْ ذِكْرٌ مِنْ رَبِّكُمْ عَلَىٰ رَجُلٍ مِنْكُمْ لِيُنْذِرَكُمْ وَلِتَتَّقُوا وَلَعَلَّكُمْ تُرْحَمُونَ

سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، (كۇفرىدىن) ساقلىنىشىڭلار ۋە اﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرگە ئاراڭلاردىكى بىر كىشى ئارقىلىق پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ۋەھيىسى كېلىشىدىن ئەجەبلەنمەمسىلەر؟ ››

تەپسىر

ئاراڭلاردىكى سىلەر تونۇيدىغان بىرىنىڭ تىلى ئارقىلىق سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرەپتىن ۋەھىي ۋە پەند-نەسىھەت كەلگەنلىكىدىن ھەيران قالدىڭلارما؟ ئۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن تۇرسا، يالغانچى ۋە يولدىن چىققان بىرى بولمىسا، ياكى باشقا بىر مەخلۇق بولمىسا؟ ئۇ ئەگەر سىلەر ئىنكار قىلىپ، ئاسىيلىق قىلساڭلار، سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولۇشۇڭلار ئۈچۈن كەلدى. ئەگەر ئىمان ئېيتساڭلار ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشىڭلار ئۈمىدلىكتۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ