سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:58
وَالْبَلَدُ الطَّيِّبُ يَخْرُجُ نَبَاتُهُ بِإِذْنِ رَبِّهِ ۖ وَالَّذِي خَبُثَ لَا يَخْرُجُ إِلَّا نَكِدًا ۚ كَذَٰلِكَ نُصَرِّفُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَشْكُرُونَ
مۇنبەت يەرنىڭ گىياھسى اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ (بۇ ۋەز - نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان مۆمىننىڭ مىسالىدۇر)، ناچار يەرنىڭ گىياھسى ئاز ئۆسىدۇ (بۇ ۋەز - نەسىھەتتىن پايدىلانمايدىغان كاپىرنىڭ مىسالىدۇر)، شۈكۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى مۇشۇنداق شەكىللەردە بايان قىلىمىز
تەپسىر
مۇنبەت يەرنىڭ گىياھلىرى ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ، ۋەز-نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىدىغان، ئاندىن ۋەز-نەسىھەتنىڭ نەتىجىسىدە ياخشى ئەمەل قىلىدىغان مۇئمىننىڭ مىسالى شۇنىڭغا ئوخشايدۇ. ساسلىق، شورلۇق زېمىننىڭ گىياھلىرى ناھايىتى تەستە ئۆسىدۇ، ئۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسىمۇ يوق. كاپىر مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، ۋەز-نەسىھەتلەردىن مەنپەئەت ئالالمايدۇ ھەمدە ئۇ ۋەز-نەسىھەتلەر ئۇنىڭغا پايدا ئېلىپ كېلىدىغان ياخشى ئەمەلنىمۇ ۋۇجۇدقا چىقارمايدۇ. مانا مۇشۇنداق ئاجايىپ تۈرلەرگە ئوخشاش، ئاللاھنىڭ نېئمەتلىرىگە شۈكۈر قىلىپ، تۇزكورلۇق قىلمايدىغان ۋە پەرۋەردىگارىغا ئىتائەت قىلىدىغانلارغا ھەقنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل-پاكىتلارنى تۈرلۈك-تۈرلۈك بايان قىلىمىز.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ