سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:59

لَقَدْ أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَىٰ قَوْمِهِ فَقَالَ يَا قَوْمِ اعْبُدُوا اللَّهَ مَا لَكُمْ مِنْ إِلَٰهٍ غَيْرُهُ إِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ عَظِيمٍ

شەك شۈبھىسىزكى، نۇھنى ئۆز قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق، ئۇ: ‹‹ئى قەۋمىم! اﷲ قا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرگە اﷲ تىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مەن ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن›› دېدى

تەپسىر

شەك-شۈبھىسىزكى، بىز نۇھنى ئۆز قەۋمىنى ئاللاھنى يەككە-يېگانە دەپ بىلىشكە ۋە ئۇنىڭدىن باشقىغا چوقۇنۇشنى تاشلاشقا چاقىرىدىغان پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق. ئاندىن ئۇ قەۋمىگە: ئەي قەۋمىم! بىر ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ئاللاھتىن باشقا ھەقىقىي مەبۇدۇڭلار يوق. ئەي قەۋمىم! سىلەر كۇپۇرلۇقتا مۇشۇنداق چىڭ تۇرۇۋالىدىغانلا بولساڭلار، مەن ھەقىقەتەن بۈيۈك كۈننىڭ ئازابىغا قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ