سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:57
وَهُوَ الَّذِي يُرْسِلُ الرِّيَاحَ بُشْرًا بَيْنَ يَدَيْ رَحْمَتِهِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا أَقَلَّتْ سَحَابًا ثِقَالًا سُقْنَاهُ لِبَلَدٍ مَيِّتٍ فَأَنْزَلْنَا بِهِ الْمَاءَ فَأَخْرَجْنَا بِهِ مِنْ كُلِّ الثَّمَرَاتِ ۚ كَذَٰلِكَ نُخْرِجُ الْمَوْتَىٰ لَعَلَّكُمْ تَذَكَّرُونَ
اﷲ نىڭ رەھمىتى (يەنى يامغۇر) مەيدانغا كېلىش ئالدىدا، اﷲ بېشارەتچى قىلىپ شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، شاماللار ئېغىر بۇلۇتلارنى كۆتۈرگەن چاغدا، ئۇلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراپ كەتكەن گىياھسىز) جايلارغا سۈرىمىز، ئۇنىڭدىن يامغۇر ياغدۇرۇپ تۈرلۈك - تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز، ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن (زېمىندىن مېۋىلەرنى چىقارغاندەك، قىيامەتتە) ئۆلۈكلەرنى قەبرىلىرىدىن چىقىرىمىز
تەپسىر
ئاللاھ تائالا يامغۇر بىلەن خۇشخەۋەر بەرگۈچى شاماللارنى ئەۋەتىدۇ، نىھايەت شاماللار سۇ بىلەن ئېغىرلاشقان بۇلۇتلارنى ئېلىپ ماڭغان چاغدا بۇلۇتلارنى قۇرغاق شەھەرلەرگە ھەيدەيمىز، ئاندىن ئۇ شەھەرلەرگە يامغۇر ياغدۇرىمىز. ئاندىن بىز يامغۇر سۈيى ئارقىلىق تۈرلۈك مېۋىلەرنى چىقىرىمىز. بىز مېۋىلەرنى قانداق شەكىلدە چىقارغان بولساق، ئۆلۈكلەرنىمۇ قەبرىلىرىدىن تىرىك ھالەتتە چىقىرىمىز. ئەي ئىنسانلار! بىز بۇ ئىشلارنى سىلەرنى ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە تەڭداشسىز سەنئىتىدىن ھەمدە ئۇنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرگۈزۈشكە قادىر ئىكەنلىكىدىن ئىبرەت ئالسۇن دەپ قىلدۇق.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ