سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:56

وَلَا تُفْسِدُوا فِي الْأَرْضِ بَعْدَ إِصْلَاحِهَا وَادْعُوهُ خَوْفًا وَطَمَعًا ۚ إِنَّ رَحْمَتَ اللَّهِ قَرِيبٌ مِنَ الْمُحْسِنِينَ

اﷲ (پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ) يەر يۈزىنى تۈزىگەندىن كېيىن، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) قورققان ۋە (رەھمىتىنى) ئۇمىد قىلغان ھالدا دۇئا قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى اﷲ نىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا يېقىندۇر

تەپسىر

ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىش ئارقىلىق زېمىننى تۈزەپ، ئۇنى ئۆزىنىڭلا ئىتائىتى ئارقىلىق ئاۋاتلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن گۇناھ-مەئسىيەتلەرنى قىلىش بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلماڭلار. ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قورقۇنچ ھېس قىلغان ۋە مۇكاپاتىغا ئېرىشىشكە تەلمۈرگەن ھالدا بىر ئاللاھقىلا دۇئا قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ رەھمىتى ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا ھەقىقەتەنمۇ يېقىندۇر، شۇڭا سىلەرمۇ شۇلارنىڭ قاتارىدىن بولۇڭلار.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ