سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:55

ادْعُوا رَبَّكُمْ تَضَرُّعًا وَخُفْيَةً ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُعْتَدِينَ

پەرۋەردىگارىڭلارغا تۆۋەنچىلىك بىلەن يوشۇرۇن دۇئا قىلىڭلار، (دۇئا قىلغاندا كەلسە - كەلمەس سۆزلەپ، توۋلاپ) ھەددىدىن ئاشۇرۋەتكەنلەرنى اﷲ ياقتۇرمايدۇ

تەپسىر

ئەي مۇئمىنلەر! ئىنتايىن تۆۋەنچىلىك ۋە كەمتەرلىك بىلەن، مەخپىي ۋە ئاشكارا، ئىخلاس قىلغان، رىيا قىلمىغان ۋە باشقىسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن ھالدا پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن دۇئادا چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ. مۇشرىكلار قىلغاندەك ئاللاھقا باشقىلارنىمۇ قوشۇپ دۇئا قىلىش ھاجەتنى تىلەشتىكى ئەڭ چوڭ چەكتىن ئېشىشتۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ