سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:54

إِنَّ رَبَّكُمُ اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ فِي سِتَّةِ أَيَّامٍ ثُمَّ اسْتَوَىٰ عَلَى الْعَرْشِ يُغْشِي اللَّيْلَ النَّهَارَ يَطْلُبُهُ حَثِيثًا وَالشَّمْسَ وَالْقَمَرَ وَالنُّجُومَ مُسَخَّرَاتٍ بِأَمْرِهِ ۗ أَلَا لَهُ الْخَلْقُ وَالْأَمْرُ ۗ تَبَارَكَ اللَّهُ رَبُّ الْعَالَمِينَ

شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭلار اﷲ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئالتە كۈندە (يەنى ئالتە دەۋردە) ياراتتى، ئاندىن (ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا لايىق رەۋىشتە) ئەرش ئۈستىدە قارار ئالدى، اﷲ كېچە بىلەن (كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى بىلەن) كۈندۈزنى ياپىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈز بىر - بىرىنى قوغلىشىدۇ (يەنى داۋاملىق ئورۇن ئالمىشىپ تۇرىدۇ): اﷲ قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنى اﷲ نىڭ ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى، يارىتىش ۋە ئەمر قىلىش (يەنى كائىناتنى تەسەررۇپ قىلىش) راستىنلا اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى اﷲ نىڭ دەرىجىسى كاتتىدۇر

تەپسىر

ئەي ئىنسانلار! شەكسىزكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئاللاھ تائالادۇركى، ئۇ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ھالەتت ئالتە كۈندە ياراتتى، ئاندىن ئۆزىگە لايىق رەۋىشتە ئەرش ئۈستىگە ئۆرلىدى. بىز بۇ ئۆرلەشنىڭ قانداق بولغانلىقىنى بىلمەيمىز. ئاللاھ كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقى ئارقىلىق كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقىنى، كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى ئارقىلىق كۈندۈزنىڭ يورۇقلۇقىنى يوق قىلىدۇ. كېچە بىلەن كۈندۈز بىر-بىرىنى قوغلىشىپ تېز ئۆتىدۇكى، ھېچقايسى (بەلگىلگەنگەن ۋاقىتتىن) كېچىكىپ قالمايدۇ، بىرى كەتسە بىرى كېلىدۇ. ئاللاھ تائالا قۇياشنى، ئاينى ۋە يۇلتۇزلارنى ئەمرىگە بويسۇندۇرۇلغۇچى قىلىپ ياراتتى. بىلىپ قېلىڭلاركى، پۈتۈن مەخلۇقاتلار يېگانە ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئۇنىڭدىن باشقا ياراتقۇچى بارمۇ؟ بارچە ئىشلار يالغۇز ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، ئۇنىڭ ياخشىلىقى كاتتا، ئېھسانى كۆپتۇر. ئۇ بارچە كاتتىلىق ۋە مۇكەممەللىك سۈپەتلىرىگە ئىگىدۇر، ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ