سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:53

هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا تَأْوِيلَهُ ۚ يَوْمَ يَأْتِي تَأْوِيلُهُ يَقُولُ الَّذِينَ نَسُوهُ مِنْ قَبْلُ قَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ فَهَلْ لَنَا مِنْ شُفَعَاءَ فَيَشْفَعُوا لَنَا أَوْ نُرَدُّ فَنَعْمَلَ غَيْرَ الَّذِي كُنَّا نَعْمَلُ ۚ قَدْ خَسِرُوا أَنْفُسَهُمْ وَضَلَّ عَنْهُمْ مَا كَانُوا يَفْتَرُونَ

ئۇلار (يەنى كۇففارلار) پەقەت (ئۆزلىرىگە ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ) نەتىجىسىنىلا كۈتىدۇ، ئۇنىڭ نەتىجىسى كەلگەن كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)، ئلگىرى كىتابقا ئەمەل قىلمىغانلار: ‹‹پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىللىرى ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى (بىز ئۇلارغا ئىمان ئېيتمىدۇق، بۈگۈن) بىزگە شاپائەت قىلىدىغان شاپائەتچىلەر بارمىدۇ؟ ياكى گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈپ، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا قايتۇرۇلۇشىمىزغا بولامدىغاندۇ›› دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىگە زىيان سالدى، ئۇلارنىڭ اﷲ نىڭ شېرىكلىرى دەپ ئىپتىرا قىلغان مەبۇدلىرى ئۇلارنىڭ كۆزىدىن غايىب بولدى

تەپسىر

كاپىرلار پەقەت ئۆزلىرىگە خەۋەر قىلىنغان دەرتلىك ئازابنىڭ ئاخىرەتتە يۈز بېرىشىنىلا كۈتسە بولىدۇ، بۇ كۈندە ئۇلار خەۋەر بېرىلگەن ئىشلار ۋە مۇئمىنلەر خەۋەر بېرىلگەن ساۋاب-مۇكاپاتلار چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ. ھاياتىي دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭ ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلمىغانلار: ئەزبىرايى خۇدا، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئەلچىلىرى شەكسىز ھەقىقەتنى ئېلىپ كەپتىكەن، ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن كەلگەنلىكىدە قىلچە شەك يوقكەن. كاشكى بىزنى ئازابتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزگە شاپائەت قىلالايدىدىغان شاپائەتچىلەر بولسىچۇ؟! ياكى بىز قىلغان يامان ئەمەللىرىمىزنىڭ ئورنىغا بىزنى قۇتۇلدۇرالايدىغان ياخشى ئەمەللەرنى قىلىۋېلىشىمىز ئۈچۈن دۇنياغا قايتالىغان بولساقچۇ؟! دېيىشىدۇ. بۇ كاپىرلار ئۆزلىرىنىڭ كۇپۇرلۇقى تۈپەيلىدىن ئۆزلىرىنى ھالاكەت ھاڭلىرىغا ئېلىپ كېلىش بىلەن زىيان تارتتى، ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان بۇتلىرى ئۇلارنى تاشلىۋەتتى ۋە ئۇلارغا ئەسقاتمىدى.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ