سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:50
وَنَادَىٰ أَصْحَابُ النَّارِ أَصْحَابَ الْجَنَّةِ أَنْ أَفِيضُوا عَلَيْنَا مِنَ الْمَاءِ أَوْ مِمَّا رَزَقَكُمُ اللَّهُ ۚ قَالُوا إِنَّ اللَّهَ حَرَّمَهُمَا عَلَى الْكَافِرِينَ
ئەھلى دوزاخ ئەھلى جەننەتكە: ‹‹سۇدىن ياكى اﷲ سىلەرگە بەرگەن ئىچىدىغان نەرسىلەردىن بىزگە بىر ئاز قۇيۇپ بەرسەڭلار! ›› دەپ توۋلايدۇ، ئەھلى جەننەت ئۇلارغا (جاۋابەن): ‹‹اﷲ ئۇلارنى كاپىرلارغا ھارام قىلغان›› دەيدۇ
تەپسىر
دوزاخ ئەھلى جەننەتتىكىلەرگە يالۋۇرۇپ: ئەي جەننەت ئەھلى! بىزگە سۇ ياكى ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن يېمەكلىكتىن بېرىڭلار، دەپ توۋلايدۇ. جەننەت ئەھلى ئۇلارغا جاۋابەن: شەكسىزكى ئاللاھ كاپىرلارغا كۇپرىسى تۈپەيلىدىن يېمەك-ئىچمەكنى ھارام قىلدى، شۇڭا بىز ئاللاھ سىلەرگە ھارام قىلغان نەرسىلەر بىلەن ياردەم قىلالمايمىز، دەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ