سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:51
الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَهْوًا وَلَعِبًا وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا ۚ فَالْيَوْمَ نَنْسَاهُمْ كَمَا نَسُوا لِقَاءَ يَوْمِهِمْ هَٰذَا وَمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ
كاپىرلار دىنلىرىنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە مۇلاقات بولۇشنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىغا ئوخشاش، بىز بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز (يەنى ئۇلارن دوزاختا قالدۇرىمىز)
تەپسىر
بۇ كاپىرلار دىنلىرىنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىۋالدى، ئۇلارنى ھاياتىي دۇنيانىڭ زىبۇ-زىننەتلىرى ئالداپ كەتتى. ئۇلار قىيامەت كۈنىدىكى بۇ ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىپ تەييارلىق قىلمىغىنىغا ئوخشاش، ئاللاھمۇ قىيامەت كۈنى ئۇلارنى ئۇنتۇيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاللاھنىڭ دەلىل-پاكىتلىرىغا تېنىپ، ئۇنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ئاللاھ تائالا ئۇلارنى ئازابلانغان ھالەتلىرىدە تاشلاپ قويىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ