سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:49
أَهَٰؤُلَاءِ الَّذِينَ أَقْسَمْتُمْ لَا يَنَالُهُمُ اللَّهُ بِرَحْمَةٍ ۚ ادْخُلُوا الْجَنَّةَ لَا خَوْفٌ عَلَيْكُمْ وَلَا أَنْتُمْ تَحْزَنُونَ
(ئەئرافتىكىلەر دوزىخىلار مۆمىنلەرنىڭ پېقىرلىرىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ) سىلەر اﷲ نىڭ رەھمىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ (مانا بۇلارغا) جەننەتكە كىرىڭلار، سىلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر (دېيىلدى دەيدۇ)
تەپسىر
ئاللاھ كاپىرلارغا كايىپ: سىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ، دەپ قەسەم قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟ دەيدۇ. ئاللاھ مۇئمىنلەرگە: ئەي مۇئمىنلەر! جەننەتكە كىرىڭلار، ئۈزۈلمەس نېئمەتكە ئېرىشكىنىڭلار ئۈچۈن كەلگۈسىدە ھېچقانداق قورقۇنچ بولمايدۇ، دۇنيادا قولدىن كەتكەن مەنپەئەتلەرگىمۇ قايغۇرمايسىلەر، دەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ