سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:48
وَنَادَىٰ أَصْحَابُ الْأَعْرَافِ رِجَالًا يَعْرِفُونَهُمْ بِسِيمَاهُمْ قَالُوا مَا أَغْنَىٰ عَنْكُمْ جَمْعُكُمْ وَمَا كُنْتُمْ تَسْتَكْبِرُونَ
ئەئرافتىكىلەر (يەنى ياخشىلىقلىرى بىلەن يامانلىقلىرى تەڭ بولۇپ قالغان، جەننەتتىمۇ ئەمەس، دوزاختىمۇ ئەمەس كىشىلەر) سىماسىدىن تونۇيدىغان (دوزىخى) ئادەملەرگە: ‹‹توپلىغان پۇل - ماللىرىڭلار ۋە تەكەببۇرلۇقۇڭلار سىلەرگە نېمىگە ئەسقاتتى؟ ›› دەپ توۋلايدۇ
تەپسىر
ئەئرافتىكىلەر دوزاخقا كىرگەن كاپىرلارنى يۈزلىرىنىڭ قارىلىقى ۋە كۆزلىرىنىڭ كۆكلىكىدىن تونۇپ ئۇلارغا: توپلىغان ماللىرىڭلار ۋە ئادەملىرىڭلار سىلەرگە قىلچە ئەسقاتمايدۇ، سىلەرنىڭ تەكەببۇرلۇق ۋە چوڭچىلىق قىلىپ ھەقتىن يۈز ئۆرۈگىنىڭلارمۇ ئەسقاتمايدۇ، دەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ