سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:45
الَّذِينَ يَصُدُّونَ عَنْ سَبِيلِ اللَّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا وَهُمْ بِالْآخِرَةِ كَافِرُونَ
زالىملار كىشىلەرنى اﷲ نىڭ داغدام يولىدىن توسىدۇ، ئۇنىڭ ئەگرى بولۇشىنى تىلەيدۇ ھەمدە ئۇلار ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدۇ
تەپسىر
بۇ زالىملار ئاللاھنىڭ يولىدىن ئۆزلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، باشقىلارنىمۇ يۈز ئۆرۈشكە مەجبۇرلايتتى. ئۇلار كىشىلەرنىڭ ھەق يولدا ماڭماسلىقى ئۈچۈن بۇ يولنىڭ ئەگرى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشاتتى. شۇنداقلا ئۇلار ئاخىرەتكە كاپىر بولغاچقا، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەييارلىقمۇ قىلمىغان.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ