سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:44

وَنَادَىٰ أَصْحَابُ الْجَنَّةِ أَصْحَابَ النَّارِ أَنْ قَدْ وَجَدْنَا مَا وَعَدَنَا رَبُّنَا حَقًّا فَهَلْ وَجَدْتُمْ مَا وَعَدَ رَبُّكُمْ حَقًّا ۖ قَالُوا نَعَمْ ۚ فَأَذَّنَ مُؤَذِّنٌ بَيْنَهُمْ أَنْ لَعْنَةُ اللَّهِ عَلَى الظَّالِمِينَ

ئەھلى دوزاخقا: ‹‹بىز پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتۇق، سىلەرمۇ پەرۋەردىگارىڭلار ۋەدە قىلغان نەرسىنى ھەق تاپتىڭلارمۇ؟ ›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار: ‹‹ھەئە›› دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر جاكارچى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا (مۇنداق دەپ) جاكارلايدۇ: ‹‹زالىملارغا اﷲ نىڭ لەنىتى بولسۇن

تەپسىر

ئەھلى جەننەت بىلەن ئەھلى دوزىخىيلاردىن ھەربىرى ئۆزلىرىگە تەييارلانغان ئورۇنلىرىغا كىرىپ بولغاندىن كېيىن جەننەت ئەھلى دوزاخ ئەھلىگە: پەرۋەردىگارىمىز بىزگە ۋەدە قىلغان جەننەتنىڭ راستىنلا ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدۇق، چۈنكى ئۇ بىزنى ئۇنىڭغا كىرگۈزدى. ئەي كاپىرلار! سىلەرمۇ ئاللاھ سىلەرگە تەھدىت قىلغان دوزاخنىڭ راستىنلا ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلدىڭلارمۇ؟ دەپ توۋلايدۇ. كاپىرلار: بىزمۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىز تەھدىت قىلغان دوزاخنىڭ راستلىقىنى بىلدۇق، دەيدۇ. ئارقىدىنلا بىر جاكارچى ئاللاھقا دۇئا قىلىپ: ئاللاھ زالىملارنى رەھمىتىدىن يىراق قىلسۇن، چۈنكى ئۇلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەت ئىشىكلىرى ئېچىلغان ئىدى، ئەمما ئۇلار ھاياتىي دۇنيادا ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەن، دەپ نىدا قىلىدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ