سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:43

وَنَزَعْنَا مَا فِي صُدُورِهِمْ مِنْ غِلٍّ تَجْرِي مِنْ تَحْتِهِمُ الْأَنْهَارُ ۖ وَقَالُوا الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي هَدَانَا لِهَٰذَا وَمَا كُنَّا لِنَهْتَدِيَ لَوْلَا أَنْ هَدَانَا اللَّهُ ۖ لَقَدْ جَاءَتْ رُسُلُ رَبِّنَا بِالْحَقِّ ۖ وَنُودُوا أَنْ تِلْكُمُ الْجَنَّةُ أُورِثْتُمُوهَا بِمَا كُنْتُمْ تَعْمَلُونَ

ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىدىكى ئۆچمەنلىكلىرىنى ئېلىپ تاشلىدۇق (يەنى جەننەتكە كىرگەنلەر ئارىسىدا ئۆزئارا ئاغرىق - ئاداۋەت بولمايدۇ). ئۇلارنىڭ (سارايلىرى) ئاستىدىن (جەننەتنىڭ) ئۆستەڭلىرى ئېقىپ تۇرىدۇ، ئۇلار: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى بۇ (نېمەتلەرنى ھاسىل قىلىشقا) يېتەكلىگەن اﷲ قا بولسۇنكى، اﷲ بىزنى يېتەكلىمىگەن بولسا، توغرا يول تاپمىغان بولاتتۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىزگە ھەقنى ئېلىپ كەلدى›› دەيدۇ، ئۇلارغا: «قىلغان ئەمەلىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە بېرىلگەن جەننەت مانا مۇشۇ›› دەپ نىدا قىلىنىدۇ (يەنى پەرىشتىلەر شۇنداق دەپ نىدا قىلىدۇ)

تەپسىر

ئاللاھنىڭ جەننەت ئەھلىنىڭ قەلبلىرىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە ئاداۋەتنى ئېلىپ تاشلىشى، ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئۆستەڭلەرنى ئاققۇزۇشى جەننەتتە ئۇلارغا بېرىلگەن نېئمەتنىڭ مۇكەممەللىكلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان نېئمەتلىرىنى ئېتىراپ قىلىپ: جىمى ھەمدۇسانا بىزنى مۇشۇ مەرتىۋىگە ئېرىشتۈرگەن ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلغان ئاللاھقا خاستۇر، ئەگەر ئاللاھ بىزنى مۇۋەپپەق قىلمىغان بولسا بىز بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ ئېرىشەلمەيتتۇق. ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىمىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى ھېچقانداق شەك بولمىغان ھەقىقەتنى، مۇكاپات ۋەدىسى ۋە ئازاب تەھدىتلىرىدە راست بولغان سۆزنى ئېلىپ كەپتىكەن، دېيىشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىر جاكارچى: پەيغەمبەرلىرىم دۇنيادا سىلەرگە خەۋەر قىلغان جەننەت مانا مۇشۇ، ئاللاھ ئۆز رازىلىقىنى كۆزلەپ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرگە جەننەتنى بەردى، دەپ جاكارلايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ