سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:46
وَبَيْنَهُمَا حِجَابٌ ۚ وَعَلَى الْأَعْرَافِ رِجَالٌ يَعْرِفُونَ كُلًّا بِسِيمَاهُمْ ۚ وَنَادَوْا أَصْحَابَ الْجَنَّةِ أَنْ سَلَامٌ عَلَيْكُمْ ۚ لَمْ يَدْخُلُوهَا وَهُمْ يَطْمَعُونَ
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر توسما بولىدۇ. توسمىنىڭ ئۈستىدە (ئەئرافتا) ئەھلى جەننەت ۋە ئەھلى دوزاخنى ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيدىغان ئادەملەر (يەنى ئەھلى ئەئراف) بولىدۇ، ئۇلار ئەھلى جەننەتكە: «سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز›› دەپ توۋلايدۇ. ئۇلار جەننەتكە كىرمىگەن، (ئەمما) كىرىش ئۈمىدىدە تۇرغانلاردۇر
تەپسىر
جەننەت ئەھلى ۋە دەۋزەخ ئەھلىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى گۇرۇھ ئارىسىدا «ئەئراف» دېيىلىدىغان ئېگىز بىر توسما بار بولۇپ، بۇ توسمىنىڭ ئۈستىدە ياخشىلىقى بىلەن يامانلىقى تەڭلىشىپ قالغان بىر توپ كىشىلەر بار. ئۇلار جەننەت ئەھلىنى يۈزلىرىنىڭ ئاقلىقىغا ئوخشاش ئالامەتلىرىدىن، دوزاخ ئەھلىنى يۈزلىرىنىڭ قارىلىقىغا ئوخشاش ئالامەتلىرىدىن تونۇيدۇ. بۇلار جەننەت ئەھلىنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن: سىلەرگە ئامانلىق تىلەيمىز، دەپ توۋلايدۇ. جەننەت ئەھلى تېخىچە جەننەتكە كىرمىگەن بولۇپ، ئۇلار ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن جەننەتكە كىرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ