سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:40

إِنَّ الَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا لَا تُفَتَّحُ لَهُمْ أَبْوَابُ السَّمَاءِ وَلَا يَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّىٰ يَلِجَ الْجَمَلُ فِي سَمِّ الْخِيَاطِ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الْمُجْرِمِينَ

شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلارغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلارغا ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ياخشى ئەمەلى ۋە دۇئاسى قوبۇل بولمايدۇ)، تاكى تۆگە يىڭنىنىڭ تۆشۈكىدىن ئۆتكۈچە ئۇلار جەننەتكە كىرمەيدۇ (يەنى ئۇلار ھەرگىزمۇ جەننەتكە كىرمەيدۇ)، گۇناھكارلارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز

تەپسىر

شۈبھىسىزكى بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنۇشتىن تەكەببۇرلۇق قىلغانلار ھەرقانداق ياخشىلىقتىن ئۈمىد ئۈزگۈچىلەردۇر. ئۇلار كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن ھايات ۋاقتىدا قىلغان ئەمەللىرىگە، ئۆلگەن چېغىدا روھلىرىغا ئاسماننىڭ ئىشىكلىرى ئېچىلمايدۇ، ئۇلار -ھايۋاناتلارنىڭ ئەڭ چوڭى بولغان- تۆگە ئەڭ كىچىك تۆشۈك يىڭنىنىڭ قۇلىقىدىن ئۆتمىگۈچە مەڭگۈ جەننەتكە كىرەلمەيدۇ، تۆگىنىڭ يىڭنىنىڭ قۇلىقىدىن ئۆتۈشى مۇمكىن ئەمەس، دېمەك ئۇلارنىڭ جەننەتكە كىرىشىمۇ مۇمكن ئەمەس. ئاللاھ گۇناھلىرى بەك كۆپ بوپكەتكەنلەرنى ئەنە شۇنداق جازالايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ