سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:39
وَقَالَتْ أُولَاهُمْ لِأُخْرَاهُمْ فَمَا كَانَ لَكُمْ عَلَيْنَا مِنْ فَضْلٍ فَذُوقُوا الْعَذَابَ بِمَا كُنْتُمْ تَكْسِبُونَ
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىلگىرىكىلەر كېيىنكىلەرگە: ‹‹سىلەرنىڭ بىزدىن ھېچقانداق ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق (يەنى گۇمراھلىقتا ۋەئازابقا تېگىشلىك بولۇشتا بىر - بىرىمىزگە ئوخشاشمىز)، قىلمىشلىرىڭلار تۈپەيلىدىن ئازابنى تېتىڭلار›› دەيدۇ
تەپسىر
ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئەگەشكۈچىلەرگە: سىلەردىن ئازابنى يەڭگىللىتىدىغانغا بىزدىن ھېچبىر ئارتۇقچىلىقىڭلار يوق، بۈگۈن پەقەت سىلەرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىڭلارلا قاتارغا ئېلىنىدۇ، ساختىلىققا ئەگەشكىنىڭلارغا باھانە ئاقمايدۇ. شۇڭا ئۆزۈڭلارنىڭ كۇپۇرلۇق ۋە ئاسىيلىقى تۈپەيلى بىز تېتىغان ئازابنى ئەمدى سىلەرمۇ تېتىڭلار، دەيدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ