سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:38

قَالَ ادْخُلُوا فِي أُمَمٍ قَدْ خَلَتْ مِنْ قَبْلِكُمْ مِنَ الْجِنِّ وَالْإِنْسِ فِي النَّارِ ۖ كُلَّمَا دَخَلَتْ أُمَّةٌ لَعَنَتْ أُخْتَهَا ۖ حَتَّىٰ إِذَا ادَّارَكُوا فِيهَا جَمِيعًا قَالَتْ أُخْرَاهُمْ لِأُولَاهُمْ رَبَّنَا هَٰؤُلَاءِ أَضَلُّونَا فَآتِهِمْ عَذَابًا ضِعْفًا مِنَ النَّارِ ۖ قَالَ لِكُلٍّ ضِعْفٌ وَلَٰكِنْ لَا تَعْلَمُونَ

اﷲ (ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلارغا) ئېيتىدۇ: ‹‹سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەن، جىنلاردىن ۋە ئىنسانلاردىن بولغان (كاپىر) ئۈممەتلەر بىلەن بىرلىكتە دوزاخقا كىرىڭلار››. ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرىدىكەن، ئۇ ئۆزىدىن ئىلگىرىكى ئۈممەتكە (ئۇنىڭغا ئەگىشىپ گۇمراھ بولغانلىقى ئۈچۈن) لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بولۇپ جەملەشكەندە، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كېيىن كىرگەنلەر (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) ئىلگىرى كىرگەنلەرگە (يەنى باشلىقلىرىغا) قارىتىپ: ‹‹ئى پەرۋەردىگارىمىز! بۇلار بىزنى ئازدۇرغان. ئۇلارغا ئىككى ھەسسە دوزاخ ئازابى بەرگىن›› دەيدۇ اﷲ: ‹‹ھەممىگە ئىككى ھەسسە ئازاب بېرىلىدۇ، لېكىن سىلەر (ئازابنىڭ دەھشىتىنى) بىلمەيسىلەر›› دەيدۇ

تەپسىر

پەرىشتىلەر ئۇلاغا: ئەي مۇشرىكلار! سىلەردىن ئىلگىرى كۇپۇرلۇق ۋە ئازغۇنلۇق ئۈستىدە ئۆتكەن جىنلار ۋە ئىنسانلاردىن بولغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدا دوزاخقا كىرىڭلار، دەيدۇ. ھەرقاچان بىر ئۈممەت دوزاخقا كىرسە، ئۆزىدىن ئىلگىرى دوزاخقا كىرگەن ھەمجىنسلىرىغا لەنەت ئوقۇيدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دوزاخقا كىرىپ بىر يەرگە جەم بولغاندا ئۇلاردىن كېيىن كىرگەنلەر تۆۋەن تەبىقىدىكى ئەگەشكۈچىلەر بولۇپ، ئىلگىرىكى مۆتىۋەر كاتتىباشلىرىغا: ئەي پەرۋەردىگارىمىز! مۇشۇ كاتتىباشلار بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇۋەتكەنتى، ئۇلار بىزگە ئازغۇنلۇقنى پەردازلاپ كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ھەسسىلەپ ئازابلىساڭ، دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارغا جاۋابەن: ئاراڭلاردىن ھەر گۇرۇھنىڭ ئازابتىن ھەسسىلەپ نېسىۋىسى بار، لېكىن سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ