سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:37
فَمَنْ أَظْلَمُ مِمَّنِ افْتَرَىٰ عَلَى اللَّهِ كَذِبًا أَوْ كَذَّبَ بِآيَاتِهِ ۚ أُولَٰئِكَ يَنَالُهُمْ نَصِيبُهُمْ مِنَ الْكِتَابِ ۖ حَتَّىٰ إِذَا جَاءَتْهُمْ رُسُلُنَا يَتَوَفَّوْنَهُمْ قَالُوا أَيْنَ مَا كُنْتُمْ تَدْعُونَ مِنْ دُونِ اللَّهِ ۖ قَالُوا ضَلُّوا عَنَّا وَشَهِدُوا عَلَىٰ أَنْفُسِهِمْ أَنَّهُمْ كَانُوا كَافِرِينَ
اﷲ قا يالغان چاپلىغان ياكى ئۇنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ ئۇلار لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان (رىزىقتىن ۋە ئەجەلدىن) ئۆز نېسىۋىسىنى كۆرىدۇ، ھەتتا بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىش ئۈچۈن كەلگەندىمۇ، ئۇلارغا: ‹‹اﷲ نى قويۇپ ئىبادەت قىلغان مەبۇدلىرىڭلار قەيەردە؟ ›› دەيدۇ، ئۇلار: ‹‹ئۇلار بىزدىن غايىب بولۇپ كەتتى›› دەيدۇ. ئۇلار كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئۆزلىرىنڭ زىيىنىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى كاپىر بولغانلىقلىرىغا ئىقرار قىلىدۇ)
تەپسىر
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، ياكى ئاللاھنى كەمسىتىش ۋە ياكى ئاللاھ دېمىگەننى دېيىش ئارقىلىق ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇغان، ياكى ئاللاھنىڭ توغرا يولغا باشلىغۇچى روشەن ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ئادەمدىنمۇ زالىمراق ئادەم يوق. ئەنە شۇلار دۇنيانىڭ نازۇ-نېئمەتلىرىدىن پەقەت لەۋھۇلمەھفۇزدا پىشانىسىگە پۈتۈۋېتىلگەن نېسىۋىگىلا ئېرىشەلەيدۇ. ئۆلۈم پەرىشتىسى ۋە باشقا ياردەمچى پەرىشتىلەر ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئالغىلى كەلگەن چاغدا پەرىشتىلەر ئۇلارغا كايىپ: سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنغان ئىلاھلىرىڭلار قېنى؟ شۇلارنى چاقىرىڭلار، سىلەرگە ئەسقېتىپ باقسۇن، دەيدۇ. مۇشرىكلار پەرىشتىلەرگە: بىز چوقۇنغان ئىلاھلار بىزنى تاشلاپ كەتتى، ھازىر ئۇلارنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلمەيمىز، دەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ كاپىر بولغانلىقىنى ئىقرار قىلىشتى. لېكىن ئۇلارنىڭ بۇ ۋاقىتتىكى ئىقرارى ئۆزلىرىگە قارشى پاكىت بولۇپ، ئۇلارغا قىلچە ئەسقاتمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ