سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:36

وَالَّذِينَ كَذَّبُوا بِآيَاتِنَا وَاسْتَكْبَرُوا عَنْهَا أُولَٰئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ ۖ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ

بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىشقا گەدەنكەشلىك قىلغانلار دوزاخ ئەھلىدۇر، ئۇلار ھەمىشە دوزاختا قالغۇسىدۇ

تەپسىر

ئەمما ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرمىگەن، پەيغەمبەرلىرى ئېلىپ كەلگەن كىتابقا ئەمەل قىلىشتىن چوڭچىلىق قىلغان كاپىرلارغا كەلسەك، ھەقىقەتەن ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان ئەھلى دوزىخىيلاردۇر.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ