سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:35
يَا بَنِي آدَمَ إِمَّا يَأْتِيَنَّكُمْ رُسُلٌ مِنْكُمْ يَقُصُّونَ عَلَيْكُمْ آيَاتِي ۙ فَمَنِ اتَّقَىٰ وَأَصْلَحَ فَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ
ئى ئادەم بالىلىرى! ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى سىلەرگە بايان بېرىدىغان پەيغەمبەرلىرىم كەلگەندە، تەقۋادارلىق قىلغان ۋە (ئەمەلىنى) تۈزەتكەنلەرگە (كەلگۈسىدىن) غەم قىلىش، (كەتكەنگە) قايغۇرۇش يوقتۇر
تەپسىر
ئەي ئادەم بالىلىرى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مەن تەرەپتىن ئەۋەتىلگەن، ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلىرىمنى ئوقۇپ بېرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلسە ئۇلارغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇلار ئېلىپ كەلگەنگە ئەگىشىڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنۇش، چەكلىمىلىرىدىن يېنىش ئارقىلىق ئاللاھقا تەقۋادار بولغان، ئەمەللىرىنى تۈزەتكەنلەرگە قىيامەت كۈنى قورقۇنچ بولمايدۇ، ئۇلار دۇنيانىڭ نېسىۋىلىرىدىن قولىدىن كەتكەنگە قايغۇرمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ