سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:41
لَهُمْ مِنْ جَهَنَّمَ مِهَادٌ وَمِنْ فَوْقِهِمْ غَوَاشٍ ۚ وَكَذَٰلِكَ نَجْزِي الظَّالِمِينَ
دوزاختا ئۇلارنىڭ ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ ئوتتىن، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يوتقىنىمۇ ئوتتىن بولىدۇ، زالىملارغا مۇشۇنداق جازا بېرىمىز
تەپسىر
ھەقىقەتنى ئىنكار قىلغان تەكەببۇرلارنىڭ جەھەننەمدە ئاستىغا سالىدىغان كۆرپىسىمۇ، ئۈستىگە يېپىنىدىغان يېپىنچىسىمۇ ئوتتىن بولىدۇ. بىز ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتكۈچىلەرنى ئاللاھقا بولغان كۇپۇرلۇقى ۋە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكى تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق جازالايمىز.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ