سۈرە 7 · پارە 8

سورة الأعراف · 7:32

قُلْ مَنْ حَرَّمَ زِينَةَ اللَّهِ الَّتِي أَخْرَجَ لِعِبَادِهِ وَالطَّيِّبَاتِ مِنَ الرِّزْقِ ۚ قُلْ هِيَ لِلَّذِينَ آمَنُوا فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا خَالِصَةً يَوْمَ الْقِيَامَةِ ۗ كَذَٰلِكَ نُفَصِّلُ الْآيَاتِ لِقَوْمٍ يَعْلَمُونَ

ئېيىتقىنكى، «اﷲ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» ئېيىتقىنكى، ‹‹ئۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن يارىتىلغان (گەرچە ئۇلارغا كۇففارلار شېرىك بولسىمۇ)، ئاخىرەتتە بولسا مۆمىنلەرگىلا خاستۇر». (اﷲ نىڭ بىر ۋە شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى بايان قىلىمىز

تەپسىر

ئەي پەيغەمبەر! ئاللاھ ھالال قىلغان لىباسلارنى ۋە پاك رىزىقلارنى ھارام قىلىدىغان مۇشرىكلارغا رەددىيە بېرىپ ئېيتقىنكى، سىلەرنىڭ زىننىتىڭلار بولغان لىباسنى كىم ھارام قىلدى؟ ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن پاك يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا نەرسىلەرنى سىلەرگە كىم ھارام قىلدى؟ ئەي پەيغەمبەر! ئېيتقىنكى، ھاياتىي دۇنيادا مۇئمىنلەرگە بېرىلگەن ئاشۇ پاك نەرسىلەر -گەرچە ئۇلارغا دۇنيادا باشقىلار شېرىك بولۇۋالغان بولسىمۇ- قىيامەت كۈنى مۇئمىنلەرگىلا مەنسۇپتۇر، قىيامەتتە كاپىرلار ئۇنىڭغا شېرىك بولالمايدۇ. چۈنكى جەننەت كاپىرلارغا ھارام قىلىنغان. چۈشىنىدىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئايەتلىرىمىزنى شۇنداق تەپسىلىي بايان قىلىمىز. چۈنكى ئۇلار بۇ ئايەتلەردىن مەنپەئەت ئالالايدۇ.

ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ