سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:31
۞ يَا بَنِي آدَمَ خُذُوا زِينَتَكُمْ عِنْدَ كُلِّ مَسْجِدٍ وَكُلُوا وَاشْرَبُوا وَلَا تُسْرِفُوا ۚ إِنَّهُ لَا يُحِبُّ الْمُسْرِفِينَ
ئى ئادەم بالىلىرى! ھەر ناماز ۋاقتىدا (ياكى تاۋاپ ۋاقتىدا ئەۋرىتىڭلارنى سەترى قىلىپ تۇرىدىغان) كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، اﷲ ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ھەقىقەتەن ياقتۇرمايدۇ
تەپسىر
ئەي ئادەم بالىلىرى! ناماز ئوقۇغاندا ۋە تاۋاپ قىلغىنىڭلاردا ئەۋرىتىڭلارنى يېپىپ تۇرىدىغان ۋە سىلەرگە زىننەت بولىدىغان پاك-پاكىزە كىيىمىڭلارنى كىيىڭلار، ئاللاھ ھالال قىلغان پاك نەرسىلەردىن يەڭلار، ئىچىڭلار، بۇ ئىشلاردا نورمال چەكتىن ئېشىپ، ھالالدىن ھارامغا ئۆتۈپ كەتمەڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن نورمال چەكتىن ئاشقۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ