سۈرە 7 · پارە 8
سورة الأعراف · 7:30
فَرِيقًا هَدَىٰ وَفَرِيقًا حَقَّ عَلَيْهِمُ الضَّلَالَةُ ۗ إِنَّهُمُ اتَّخَذُوا الشَّيَاطِينَ أَوْلِيَاءَ مِنْ دُونِ اللَّهِ وَيَحْسَبُونَ أَنَّهُمْ مُهْتَدُونَ
اﷲ (سىلەردىن) بىر گۇرۇھنى ھىدايەت قىلدى؛ يەنە بىر گۇرۇھقا گۇمراھلىق تېگىشلىك بولدى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار اﷲ نى قويۇپ، شەيتانلارنى دوست تۇتقان تۇرۇقلۇق ئۆزلىرىنى توغرا يولدا گۇمان قىلىدۇ
تەپسىر
ھەقىقەتەن ئاللاھ ئىنسانلارنى ئىككى گۇرۇھ قىلدى، سىلەردىن بىر گۇرۇھقا توغرا يولنى كۆرسىتىپ، ھىدايەت سەۋەبلىرىنى قولايلاشتۇرۇپ بەردى، ھىدايەت يولىدىكى توسالغۇلارنى يوق قىلدى. يەنە بىر گۇرۇھ كىشىلەر بولسا ھەق يولدىن ئېزىپ كېتىشكە تېگىشلىك بولدى. بۇنداق بولۇشى ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ شەيتانلارنى دوست تۇتۇۋالغانلىقلىرى ھەمدە نادانلىقتىن ئۇلارغا بويسۇنغانلىقلىرى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا يولنى تاپقانلار، دەپ ئويلايدۇ.
ئوقۇغۇچتا ئېچىڭ - پۈتۈن سۈرىنى ئوقۇڭ